كىيېۋدا 35 سائەتلىك جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى
ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا بۈگۈن كەچتىن پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 گىچە 35 سائەتلىك جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.
1795916
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيېۋ شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىتسچكو، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۈگۈن كەچتە شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 8 دە باشلىنىدىغان جىددىي ھالەتنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 گىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، پاناھ جايلارغا كىرىشتىن باشقا مەخسۇس ئىجازەتنامە ئالماي تۇرۇپ شەھەردە ئايلىنىشنىڭ مەنئىي قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پايتەخت كىيېۋ ئۇكرائىنانىڭ مەركىزى بولۇپ، چوقۇم قوغداپ قېلىنىدۇ.»
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى باشلىنىپ 20 – كۈنىگە قەدەم قويغان بۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە، پايتەخت كىيېۋدا توپ ئوقلىرى بىنالارغا چۈشكەنىدى.
رۇسىيە ئارمىيەسى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.