گۇتېررېس: رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى يەر شارى خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، رۇسىيەنىڭ 24 – فېۋرال ئۇكرائىناغا ئاچقان ئۇرۇشىنىڭ پۇقرالارغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە يەر شارى خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

1792129
گۇتېررېس: رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى يەر شارى خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېررېس ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش پۇقرالارغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. نۆۋەتتە ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىۋاتقان ئاشلىق، يېقىلغۇ ۋە باشقا ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلىيەلمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر