دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇكرائىنانى قوللاش نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن، گىرېتسىيە پايتەختى ئافېنا، گىرۇزىيە پايتەختى تىبلىس ۋە بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھەرلىرىدە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھۇجۇمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1788456
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇكرائىنانى قوللاش نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا تۈنۈگۈن (2022-يىلى 1-مارت) باش مىنىستىرلىق بىناسىنىڭ ئالدىدا توپلانغان يۈزلەرچە كىشى «ئۇكرائىنا بىلەن بىرگە تۇر»، «ئۇكرائىنالىقلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇڭلار، ئۇرۇشنى توختىتىڭلار»، «ناتو ھاۋا تەۋەلىكىڭنى تاقا »ۋە «ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىڭلار» دېگەن شوئارلار يېزىلغان  لوزۇنكىلارنى كۆتۈردى.

نامايىشچىلار رۇسىيەگە ئەڭ ئېغىر ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى، ئۇكرائىنا خەلقى بىلەن ئەسكەرلىرىگە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى. نامايىش مەيدانىغا ئورنىتىلغان غايەت چوڭ تېلېۋىزور ئېكرانىدا،  ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئو ۋە فوتوگرافلار كۆرسىتىلدى.

گىرېتسىيە پايتەختى ئافېنادا پارلامېنت بىناسى جايلاشقان سىنتاگما مەيدانىدا، ئۇكرائىنانى قوللاش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

ئافېنادا ياشاۋاتقان ئۇكرائىنالىقلارنىڭ چاقىرىق قىلىشى بىلەن تەشكىللەنگەن نامايىشتا، نامايىشچىلار رۇسىيەگە قارشى شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالدى.

گىرۇزىيە پايتەختىدىمۇ كوچىلارغا چىققان مىڭلارچە كىشى، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇكرائىناغا يېتەرلىك ياردەم قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە پىرېزىدېنت ئىراكلى گارىباشىۋىلىنى ئىستېپاغا چاقىردى.

نامايىشىچىلار يەنە، رۇسىيەنىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى ئەيىبلىدى ۋە ئۇكرائىنانى ۋە ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغان شوئارلار توۋلىدى.

نامايىشچىلار، گىرۇزىيەنىڭمۇ ئۇكرائىنا بىلەن بىرگە بۇ ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ دەرھال ناتوغا ئەزا بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.

بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە ئۇكرائىنانى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچىلار لوزۇنكىلارنى ئېچىپ رۇسىيەنى ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر