ب د ت: ئۇكرائىنا چېگرالىرىنىڭ ئىچى - سىرتىدا يۈز مىڭلارچە كىشى قېچىپ يۈرمەكتە

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن نەچچە يۈز مىڭ كىشىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىچى - سىرتىدا قېچىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1786004
ب د ت: ئۇكرائىنا چېگرالىرىنىڭ ئىچى - سىرتىدا يۈز مىڭلارچە كىشى قېچىپ يۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى مارتېن گىرىفتىس ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «مەن ھازىر سىلەرگە سۆز قىلىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا، نەچچە يۈز مىڭ كىشى ئۇكرائىنا چېگراسىنىڭ ئىچى – سىرتىدا قېچىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بىز ئۇكرائىنانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇقرالار مەركەزلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرىمىز. ئەمما تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر توغرىسىدا جەزملەشتۈرۈلگەن ئۇچۇرلار يوق. مەن ھازىرقى شارائىتنىڭ پۇقرالارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلماقتىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەر ياردەم بېرىش خادىملىرىنى ئۇكرائىناغا يۆتكەش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان گىرىفتىس: «ھازىر خادىملىرىمىزنى ئۇكرائىنادىن يۆتكەپ چىقىش پىلانىمىز يوق، بىز بۇ دۆلەتتىن ئايرىلمايمىز، ئۇكرائىنانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرگە ياردەم قىلىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە پاناھلىنىش ئورنى ئىزدەۋاتقان ئاياللار، بالىلار ۋە ئەرلەر توغرىسىدا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان دوكلاتلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن بىخەتەر، توسالغۇسىز ۋە سىجىل ئىنسانپەرۋەر ياردەمگە ئېرىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رۇسىيە 24 - فېۋرال ئۇكرائىناغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر