دوباستىكى رۇسىيە تەرەپدارلىرى بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرى، دونباس رايونىدىكى رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئوق چىقىرىپ بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1781424
دوباستىكى رۇسىيە تەرەپدارلىرى بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە تەپدارى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا 19 قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، دونباسنىڭ نوۋوترويسكې، گرانىتنې، ۋوديانې، شىروكىنې ۋە بولوتونې رايونلىرىدا بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ يەنە بىر باياناتىدا، بۆلگۈنچىلەرنىڭ تۈنۈگۈن ئوخشىمىغان رايونلاردا 66 قېتىم ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر