رۇسىيە تەرەپدارلىرىنىڭ دونباستا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرى، تۈنۈگۈن دونباسنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىكى رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەر ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلدى.

1781075
رۇسىيە تەرەپدارلىرىنىڭ دونباستا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرى، تۈنۈگۈن دونباسنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىكى رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەر ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ 2 ئۇكرائىنا ئەسكىرى بىلەن 2 پۇقرانى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، بۆلگۈنچىلەرنىڭ تۈنۈگۈن ئوخشىمىغان رايونلاردا 60 قېتىم ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ۋوديانې، لۇگانسكې، سۋىتلودارسكى، مارىنكې، پىسكى، ئادىۋيىۋكا، شىروكىنو قاتارلىق ئوخشىمىغان رايونلاردىكى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئوق چىقىرىپ 2 ئۇكرائىنا ئەسكىرى بىلەن 2 پۇقرانى يارىلاندۇرغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، كېلىشىمگە خىلاپ بۇ قىلمىشلارنىڭ 43 ىنىڭ مىنىسكى كېلىشىمىگە ئاساسەن چەكلەنگەن قوراللارنى ئىشلىتىپ سادىر قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

بۆلگۈنچىلەرنىڭ بۈگۈنمۇ بولوتون، چېرمالى، شۇمى، نوگناتوۋكا ۋە ستارگاتاتوۋكا قاتارلىق رايونلاردا ئۇرۇش توختىتىشقا 6 قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر