ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ھەر ئان ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندىكى پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان، رۇسىيەنىڭ خىتايدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن (20 - فېۋرال) ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشنى باشلاش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

1777372
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ھەر ئان ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندىكى پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېيك سۇللىۋان ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى جەريانىدا ئۇكرائىنا كىرىزىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالدى؛ ئۇ ھازىرچە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشقا قەتئىي قارار قىلغانلىقىنى ئېيتالمايدىغانلىقىنى، بىراق ئىشغالنىڭ ھەر ئان باشلىنىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقى ھەققىدە قوللىرىدا كۈچلۈك دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

سۇللىۋان، رۇسلارنىڭ ئاۋۋال ئۇكرائىناغا ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىپ، ئارقىدىن قۇرۇقلۇقتىن ئىشغال ھەرىكىتى باشلايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقلىرىنى، ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋنى قولغا چۈشۈرۈشكە تۇتۇش قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى دەۋا قىلدى.

ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ھەر ئان باشلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن  سۇللىۋان، ئۇكرائىنادىكى ئامېرىكالىقلارنىڭ دەرھال بۇ يەردىن ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى، ئىشغال قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېنمۇ رۇسىيە ھەرئان ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى مۇمكىن دېگەنىدى.

بۇ جەرياندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى رۇسىيە - ئۇكرائىنا جىددىيچىلىكىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ياۋروپاغا مەسئۇل 6 - فىلوت رايونىغا 4 قوغلىغۇچى پاراخوت ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر تۆت قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ ياۋروپا ھەرىكەت رايونىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: ئامېرىكا 6 - فىلوتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى قوللاش ئۈچۈن بىر قاتار دېڭىز پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنگلىيە، ئىسرائىلىيە ۋە كورېيە ئۆز پۇقرالىرىدىن ئۇكرائىناغا بارماسلىقنى ۋە ئۇ يەردىكىلەرنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئۇكرائىنادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دىپلوماتىك خادىملىرىدىن باشقا بارلىق دىپلوماتلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر