ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن توقۇنۇشى مۇقەرەرمۇ؟

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن خىتاي بىلەن توقۇنۇشنىڭ «مۇقەرەر ئەمەسلىكى» نى، ئەمما ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىر-بىرىنى قوللىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1777213
ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن توقۇنۇشى مۇقەرەرمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئاۋستىرالىيە، ھىندىستان، ياپونىيە ۋە ئامېرىكادىن تەركىپ تاپقان تۆت تەرەپ ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن ئىلگىرى مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ بىر مۇخبىرنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندا خىتاي بىلەن توقۇنۇشنىڭ مۇقەرەر ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى سوئالغا: «ھېچقانداق شەيئىي مۇقەرەر ئەمەس. ئەمما، ئامېرىكانىڭ قائىدە-پىرىنسىپلارغا تايانغان خەلقئارالىق تۈزۈم ئۈچۈن، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىر-بىرىنى قوللىشى كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۆز ئىچىدە ۋە رايوندا ئۇرۇشقاق پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشەلىرىمىزنى ئرتاقلاشتۇق دەپ ئويلايمەن. تۆت تەرەپ ئىتتىپاقى، كېلەچەكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىجابىي قاراش ۋە ئورنىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ، غايەت زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن قائىدە-پىرىنسىپلارنى ئاساس قىلغان خەلقئارالىق تۈزۈمنى قوغداش ۋەدىسى بىلەن بىرلەشكەن.»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانى باشقا دۆلەتلەرنى ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ ئۆلچەملىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن تۆت تەرەپ ئىتتىپاقىدىن پايدىلىنىش بىلەن ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر