ئىراقتىكى ئۇرۇش قالدۇقلىرىنىڭ ئونلارچە بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى

بۇلتۇر ئىراقتا ئۇرۇش ئوق – دورا قالدۇقلىرى سەۋەبىدىن 52 بالىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 73 بالىنىڭ مېيىپ بولۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1773027
ئىراقتىكى ئۇرۇش قالدۇقلىرىنىڭ ئونلارچە بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار پاراۋانلىق فوندىنىڭ ئىراق ۋەكالەتخانىسى، ئۇرۇش قالدۇقى ئوق - دورىلارنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، 2021 - يىلى ئۇرۇش قالدۇقى ئوق – دورىلار سەۋەبىدىن 52 بالىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 73 بالىنىڭ مېيىپ بولۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇرۇش قالدۇقلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا، ئىراقتىكى ئۇرۇش قالدۇقلىرى سەۋەبىدىن بالىلار ئارىسىدىكى ئۆلۈش ۋە مېيىپ بولۇشنىڭ 2020-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %67 ئاشقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر