زېلېنسكىي بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون كۆرۈشتى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي (Vladimir Zelenskiy) رۇسىيەنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنى دۆلىتىنىڭ چېگرالىرىدىن چېكىندۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

1772249
زېلېنسكىي بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون بىلەن كىيېۋدە كۆرۈشتى ۋە بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ كېلىشىملەردە «مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەنى نامايان قىلغانلىقلىرىنى» ئەسكەرتتى.

ئۇ رۇسىيە بىلەن مەزكۇر كېلىشىملەرنى ئىجرا قىلىش مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان قاراشلارغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىدىن بېشارەت بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ كېلىشىملەرنىڭ بەزى ماددىلىرىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. مىنسك كېلىشىملىرىدىكى ماددىلارنى ئىجرا قىلىش نۆۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئوخشىمىغان پوزىتسىيەنى نامايان قىلىۋاتىمىز. بىراق، زېمىنىمىزنى ئىشغالدىن قۇتقۇزۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ۋە دۆلىتىمىزنى ھەر قانداق شەكىلدە قوغدايدىغان قەدەملەرنى تاشلىشىمىز كېرەك.»

ئۇ دونباستا جىددىيچىلىكنىڭ ئېشىش ئېھتىمالى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۇكرائىنا كۈچلۈك ئارمىيەگە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ ئەھۋالدا پەقەت ئۆزىمىزگىلا ئىشىنىشىمىز ۋە ناچار شەيئىيلەر ئۈچۈن تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. بارلىق ئىتتىپاقلارغا قارىماستىن بۇنى قىلىشىمىز كېرەك. رۇسىيە ئۇكرائىنا چېگراسىدا تەخمىنەن 100 مىڭ ئەسكەر يىغدى. رۇسىيەنىڭ ئەسكەرلىرىنى چېگرامىزدىن چېكىندۈرۈشىنى كۈتۈۋاتىمىز. بۇ ناھايىتى مۇھىم. رۇسىيەنىڭ جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ-كەسكىنلەشتۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا بېرىلىدىغان بىردىنبىر توغرا جاۋاب. جىددىيچىلىك تېخىمۇ ئۇلغايغان ئەھۋالدا رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگولار ئىجرا قىلىنىشى كېرەك» دېدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى تېخىمۇ كۆپ ئىشغال قىلىشىنىڭ، «سىياسىي ۋە ئىنسانىي ئاپەت» بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيەنىڭ چېكىنىشى ۋە بىر دىپلوماتىيە يولىنى تاللىشىنىڭ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان ئەھۋالدا يولغا قويۇلىدىغان ئېمبارگو پىلانلىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى تەييارلاۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ مەزكۇر قەدەملەرنىڭ، ئەنگلىيەنىڭ ھەر دائىم رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشقاقلىقىغا قارشى ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ: «رۇسىيەنىڭ چېكىنىشى ۋە بىر دىپلوماتىيە يولىنى تاللىشى ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭ ھازىرمۇ مۇمكىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ ئەنگلىيەدە ئۇكرائىنا چېگراسىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر مەسىلىسىدە، چوڭ ئەندىشەلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «پۇتىننىڭ توقۇنۇش يولىدىن چېكىنىشىنى ۋە دىيالوگدا بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان نەرسە بۇ. شۇڭا، بۇ يەردە تۇرۇۋاتىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر