تۆت تەرەپ رۇسىيەگە قايتۇرۇلىدىغان جاۋابنى مۇزاكىرە قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ناتو، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى شۇنداقلا ئامېرىكا مەسئۇللىرى سېرگېي لاۋروۋغا قايتۇرۇلىدىغان جاۋاب ئۈستىدە مۇزاكىرەلەشتى.

1772188
تۆت تەرەپ رۇسىيەگە قايتۇرۇلىدىغان جاۋابنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى، ناتو، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى شۇنداقلا ئامېرىكا مەسئۇللىرىنىڭ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئەۋەتكەن مەكتۇپقا قايتۇرۇلىدىغان جاۋاب توغرىسىدا مۇزاكىرەلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، تۆت تەرەپنىڭ تېلېفون سۆھبىتى، بوررېل، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ۋە ياۋروپا ىەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى پولشاغا ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زبىگنىيېۋ راۋ (Zbigniew Rau) ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆرۈشۈشتە، «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئىچىدە ۋە ئەتراپىدا ئەسكەر يىغىشى، لاۋروۋنىڭ 31-يانۋار ئەۋەتكەن مەكتۇبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان موسكۋانىڭ ياۋروپا خەۋپسىزلىكىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرىلەشلەر ۋە دىپلوماتىك پائالىيەتلەر» مۇزاكىرە قىلىنغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بوررېل، بلىنكېن، ستولتېنبېرگ ۋە راۋ قايتۇرۇلىدىغان جاۋابلار تەييارلانغاندا، ياۋروپا خەۋپسىزلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى قوغداش ئېھتىياجىنى ئىسپاتلىدى.»

كۆرۈشۈشتە، بۇ خىل مۇزاكىرەلەردە توغرا مۇنبەر سۈپىتىدە، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە دېكابىر (2021) ئېيىدا، ئامېرىكا بىلەن ناتوغا ئەۋەتكەن ياۋروپادا خەۋپسىزلىك كاپالەتلىرى تېمىلىق كېلىشىم تەكلىپىدە، ناتونىڭ شەرققە كېڭىيىشتىن ۋاز كېچىشنى ۋە شەرقىي ياۋروپادىن ھەربىي كۈچلىرىنى چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ناتو بىلەن ئامېرىكانىڭ ئۆتكەن ھەپتە قايتۇرغان جاۋابىدا بولسا، ناتونىڭ ئىشىكنى ئوچۇق تۇتۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، قورال-ياراغلارنى كونترول قىلىش ۋە قورالسىزلىنىشقا ئوخشاش تېمىلاردا مۇزاكىرەلەرگە تەييار ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا تۈنۈگۈن (2022-يىلى 1-فېۋرال) ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 31-يانۋار رۇسىيەدىن بىر مەكتۇپ تاپشۇرۇۋالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرىنىڭ مەكتۇپ مەزمۇنى ھەققىدە توختالمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر