كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن باڭلادېش خەلقى پايتەخت داككاغا كۆچمەكتە

كىلىمات ئۆزگىرىشى رايوندىكى خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەندىن كېيىن، باڭلادېشنىڭ دېڭىز ساھىلى رايونلىرىدا ياشايدىغان كىشىلەر پايتەخت داككاغا كۆچمەكتە.

1771416
كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن باڭلادېش خەلقى پايتەخت داككاغا كۆچمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن باڭلادېشنىڭ دېڭىز ساھىلى رايونلىرىدا دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلىشى ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى تۇز نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، رايون خەلقىنى يېڭى چارىلەرنى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلماقتا.

دۇنيا بانكاسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى 400 مىڭ كىشى ئۆي - ماكانىدىن ئايرىلىپ قالماقتا بولۇپ، ھەر كۈنى تەخمىنەن مىڭغا يېقىن كىشى يۇرتلىرىنى تاشلاپ پايتەخت داككاغا كۆچمەكتە ئىكەن. ئولتۇراق رايونلىرىدىن ئايرىلىپ داككاغا بارغانلار بولسا، كوچىلاردا ياشىماقتا ئىكەن.

مائارىپ ۋە سەھىيە ھەق -ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالمايۋاتقان باڭلادېشلىق ئۆسمۈرلەر بولسا، بارلىق ۋاقىتلىرىنى نامراتلار رايونىدا ئۆتكۈزمەكتە.

2014-يىلى باڭلادېشتا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، داككادا 3393 نامراتلار رايونى بار ئىكەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر