نىگېرىيەدە ئالتۇن كېنى ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيەدە قانۇنسىز ئالتۇن كېنىنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 9 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1770090
نىگېرىيەدە ئالتۇن كېنى ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتنىڭ كروس رىۋېر ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى كالابارغا يېقىن بىئاسې رايونىدىكى ئالتۇن كېنى كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن، قازادا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشىدىن خەۋەر ئېلىنالمىغان.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن، رايوندا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر