ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ا 15 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئىشغال قىلىنغان شەرقىي قۇددۇسنىڭ شام دەرۋازىسى ئەتراپىدا 15 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى.

1769221
ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ا 15 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەچتە شام دەرۋازىسىدا قار توپى ئويناۋاتقان پەلەستىنلىك ياشلار بىلەن ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى پەلەستىنلىك ياشلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاۋاز بومبىسى ئېتىپ مۇداخىلە قىلدى. ۋەقەدە ھېچكىشى يارىلاندىمى، ئاز دېگەندە بىر پەلەستىنلىك ياش قولغا ئېلىندى.

شەرقىي قۇددۇسنىڭ زەيتىن تېغى رايونىدىكى ئەت-تۇر مەھەللىسىدىمۇ ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بىلەن پەلەستىنلىك ياشلار ئوتتۇرىسىدا سۈركۈلۈش يۈز بەردى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ يازما باياناتىدا، پەلەستىنلىك ياشلارنىڭ ئەت-تۇر مەھەللىسىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچى ئاپتوموبىلىغا تاش ۋە ھەر خىل نەرسىلەرنى ئاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باياناتتا: «يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە بىخەتەرلىك خادىملىرى ئارىسىدا يارىلانغانلار بولمىدى، ئەمما ساقچى ئاپتوموبىلى زىيانغا ئۇچرىدى. ھازىرغا قەدەر بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن 14 جىنايەت گۇماندارى نازارەتكە ئېلىندى. ساقچىلارنىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر