پۇتىن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

1769308
پۇتىن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ، پايتەخت موسكۋادا ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئەردوغاننىڭ تەكلىپىنىڭ، ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەم ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېتتا ھەم ئىككى رەھبەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى ئۇچرىشىشلاردا بىرئاز بىز ئىزدا توختاپ قېلىش بار ئىدى. شۇڭا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشلىرى ۋە پائالىيەتلەرگە تۈركىيەدە ساھىبخانىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. پۇتىن، ئەردوغاننىڭ بۇ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى، ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىدىن كېيىن شارائىت پىشىپ يېتىلگەن ۋە ئۇيغۇن زېمىن ھازىرلانغان ھامان، ئىككى رەھبەر بۇ تەكلىپنىڭ ئەمەلىيلىشىشى مەسىلىسىدە پۈتۈشتى.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ  رۇسىيەگە تۈنۈگۈن كېچە قايتۇرغان يازمان جاۋابى توغرىلىقمۇ توختالغان پېسكوۋ، پۇتىننىڭ بۇ جاۋابنى بىۋاسىتە ئوقۇغانلىقىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ، رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق  ئەندىشىلىرىنى رەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «شۇ ۋەجىدىن، ئۈمىدۋار بولۇش ئۈچۈن ئانچە كۆپ سەۋەب يوق. دەرۋەقە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يازما جاۋابلىرىنى تەكشۈرۈشكە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ھەقتە ئالدىراپ يەكۈن چىقارماسلىقىمىز كېرەك.»

ئۇ يەنە، موسكۋانىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ جاۋابلىرىغا قارىتا كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئوچۇق - ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرۇش توغرۇلۇق قارار چىقارمىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى توغرۇلۇق موسكۋاغا بەرگەن جاۋابىنىڭ ئىجابىي ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جاۋابى، ئەھمىيىتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەسىلىلەردىلا ئەستايىدىل سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى مەزمۇن قىلىدۇ. دەرۋەقە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بەرگەن جاۋابىدىن كېيىن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە پۇتىن قارار چىقىرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر