ئىراق پارلامېنت باشلىقى قورۇسى ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بەردى

ئىراق پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد ئەلھەلبۇسىنىڭ قورۇسى جايلاشقان ئەنبار ۋىلايىتىنىڭ گارما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 پۇقرا يارىلاندى

1768294
ئىراق پارلامېنت باشلىقى قورۇسى ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد ئەلھەلبۇسىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى بولغان ئەنبار ۋىلايىتىنىڭ گارما ناھىيەسىگە قىلىنغان 3 قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان 2 پۇقرا يېنىك يارىلانغان.

ئىراق تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن بىرى، پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد ئەلھەلبۇسىنىڭ قورۇسى ئەتراپىغا چۈشكەن.

ئىراق ئالىي فېدېراتسىيە سوتى، 9-يانۋار پارلامېنت باشلىقى سايلىمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى سەۋەبلىك بۇ ھەقتە قىلىنغان ئېتىرازنى رەت قىلغانىدى.

ئىرانغا يېقىن شىئە گۇرۇپپىلار، ھەلبۇسى نامزات بولغان  پارلامېنت باشلىقى سايلىمىغا قاتناشمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر