شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن تور يىغىنى چاقىردى

خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن توردا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلدى.

1768750
شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن تور يىغىنى چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىغا قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ ۋە تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىموھەممەدوۋ قاتناشتى.

شى جىنپىڭ خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ يېقىنقى 30 يىلدا خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە ئۈلگە بولىدىغان ياخشى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،  بۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرىنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەت، ياخشى قوشنىدارچىلىق، قىيىن ۋاقىتلاردا ھەمكارلىشىش ۋە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شى جىنپىڭ خىتاينىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «خىتاينىڭ قانچىلىك چوڭىيىشىدىن ياكى خەلقئارا شارائىتنىڭ قانچىلىك ئۆزگىرىشىدىن قەتئىي نەزەر، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىشىنىدىغان ياخشى قوشنا، شېرىك ۋە قېرىنداش دۆلەت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ۋە بىرلىكتە ئورتاق بىر كەلگۈسى بەرپا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شى جىنپىڭ  كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى، دورا ۋە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەشتە رايوندىكى دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلدى.

شى بۇ يىل ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە 50 مىليون ۋاكسىنا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە رايوندىكى دۆلەتلەرگە بۇ ساھە بويىچە تېخنىكا ۋە ئىلىم -پەن يۆتكەشنىمۇ نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى 30 يىلدا 100 ھەسسە ئاشقانلىقىنى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرگە سالغان بىۋاسىتە مەبلىغىنىڭ 14 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاينىڭ 2013-يىلى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى دائىرىسىدىكى لايىھەلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن شى جىنپىڭ، خىتاينىڭ چوڭ بازىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ئېچىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە ئىككى تەرەپلىك سودىنى 2030-يىلغا بارغاندا 70 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر