جو بايدىن قاتار ئەمىرى ئەل سانىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئاقسارايدا قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھەمەد ئەل سانىنى كۈتۈۋالىدۇ ۋە ئىككى تەرەپلىك شۇنداقلا رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

1768459
جو بايدىن قاتار ئەمىرى ئەل سانىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى يازما باياناتىدا، بايدىننىڭ 31-يانۋاردا قاتار ئەمىرى شەيخ سانىنى ئاقسارايدا قارشى ئېلىش ئۈچۈن تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بايدېن بىلەن ئەل سانىنىڭ ئىككى تەرەپلىك ۋە رايون خاراكتېرلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پساكى، بۇنىڭ ئىچىدە، پارىس قولتۇقى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ بىخەتەرلىكى ھەمدە پاراۋانلىقىنى ئاشۇرۇپ، يەر شارى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئافغانىستان خەلقىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش، ئامېرىكا بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە سېلىىنمىلاردا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق كۈنتەرتىپلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

پساكى باياناتىدا، «بايدېن ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ، ئىقامەتلىك ئاھالىلارنىڭ ۋە ئافغانىستاندىكى شېرىكلىرىمىزنىڭ ئافغانىستاندىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەل سانىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

 


خەتكۈچ: #ئامېرىكا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر