فىرانسىيەنىڭ بۇركىنا فاسودىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە خىزمەت ئىشلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

فىرانسىيەنىڭ سېنتەبىردىن بۇيان بۇركىنا فاسودا ئارمىيەنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش سېنارىيەلىرى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1768297
فىرانسىيەنىڭ بۇركىنا فاسودىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە خىزمەت ئىشلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارىژدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان «Afrika Intelligence»  ئىنتېرنېت تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسۇز دىپلوماتلار سېنتەبىردىن بۇيان  بۇركىنا فاسودا ئارمىيەنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش سېنارىيەلىرى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىگەن ۋە پارىژ ھۆكۈمىتى 23 – يانۋار كۈنى، پىرېزىدېنت روچ كرىستىيان كابورېغا، دۆلەتتىن دەرھال ئايرىلىشى توغرۇلۇق تەكلىپ سۇنغان.

فىرانسىيە دائىرىلىرى، كابورې بىلەن 23 – يانۋار تولۇق بىر كۈن ئالاقە قىلغان، ئەمما ئالدىنقى كۈنى ئالاقە ئۈزۈلگەن، ئېلىسې سارىيى بولسا بۇ دەۋالارنى رەت قىلغان.

بۇركىنا فاسودا بىر گۇرۇپپا ئەسكەر، 24 – يانۋار كۈنى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ۋە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى (RTB) دە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش باياننامىسىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئەسكەرلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان پىرېزىدېنت كابورې بولسا، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر