ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەلىرى ئوكىناۋا ئىشتاتىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

1767898
ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توكيو، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئوكىناۋا ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.

بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە ئائىت «ھيۇگا» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئائىت «USS Carl Vinson» ۋە « Abraham Lincoln» ناملىق ئاۋىياماتكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 دېڭىز ئارمىيەسى ئۇنسۇرى قاتناشتى.

ياپونىيە دۆلەتلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى (NHK) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ رايوندىكى ھەربىي كۈچى ۋە پائالىيەتلىرى بارغانسېرى زورىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ نىشانى، ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىش ئىكەن.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، 2021-يىلى دېكابىردا، مەزكەر دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە خىتايغا ئائىت بىر ئاۋىياماتكىدا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ قوزغىلىش – قونۇش مەشىقى قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر