ئىران: يادرو سۆھبىتىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرىلىشىشكە بولىدۇ

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان يادرو سۆھبىتىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرىلىشىشكە بولىدىغانلىقىنى  ئېيتتى.

1767778
ئىران: يادرو سۆھبىتىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرىلىشىشكە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇللاھيان پايتەخت تېھراندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا سىياسىي تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئىران ۋە قوشنىلار» تېمىلىق يىغىندا سۆز قىلىپ، يادرو سۆھبىتى ۋە ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرىلىشىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى.

ئامېرىكانىڭ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئىران بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئۇچۇر يوللىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئابدۇللاھيان، «سۆھبەت جەريانىدا ياكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئامېرىكىلىقلار بىلەن يۇقىرى كاپالەتگە ئىگە ياخشى بىر كېلىشىم ھاسىل بولىدىغان ئىش بولسا، بىز بۇنىڭغا سەل قارىيالمايمىز» دېدى.

ئابدۇللاھيان يادرو سۆھبىتىدە مۇھىم قارارلارنى چىقىرىشقا تېگىشلىك نۇقتىغا يېقىنلاشقانلىقىنى ۋە شۇ ۋەجىدىن كەڭ كۆلەملىك ئۇزۇن يىغىنلارنى ئاچقانلىقىنى تىلغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر