ستولتېنبېرگ: رۇسىيە تېخىمۇ ئىلگىرىلىسە ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ رۇسىيە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن تەقدىردە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1767923
ستولتېنبېرگ: رۇسىيە تېخىمۇ ئىلگىرىلىسە ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا رەھبەرلىرى ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى، دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

ستولتېنبېرگ، كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى، رۇسىيە تېخىمۇ ئىلگىرىلىسىە ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.»

ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بارلىق تەرەپلەرنىڭ،  بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقان سۈركىلىشكە قارىتا دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتلاردىمۇ، ھەم دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ھەم نورماندىيە فورماتسىيەلىك يىغىنلارنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر