ب د ت سۈرىيەدە چېدىرلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن پاناھلانغۇچىلارغا جىددىي ياردەم قىلىش چاقىرىقىدا بولدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا 1000 غا يېقىن چېدىرنىڭ قاتتىق قار يېغىشى سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى ۋە ئۆي- ماكانىدىن ئايرىلغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ قاتتىق سوغۇقتا ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1767800
ب د ت سۈرىيەدە چېدىرلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن پاناھلانغۇچىلارغا جىددىي ياردەم قىلىش چاقىرىقىدا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ سۈرىيە رايونلۇق ئىنسانپەرۋەرلىك مۇئاۋىن ماسلاشتۇرغۇچىسى مارك كۇتس سىنلىق تور ئارقىلىق چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن چېدىردا تۇرۇۋاتقان سۈرىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئىنتايىن قىيىنلاشقانلىقى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

قاتتىق قار يېغىشى سەۋەبىدىن تەخمىنەن 1000 چېدىرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى بايان قىلغان كۇتس، شىددەتلىك سوغۇقنىڭ 250 مىڭ سۈرىيەلىككە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كۇتس ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىملىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن چېدىرلارنىڭ ئاستىدىن سۈرىيەلىكلەرنى تارتىپ چىقارغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ،  نۇرغۇن سۈرىيەلىكلەرنىڭ چېدىرىدىكى قارلارنى قوللىرى بىلەن تازىلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كۇتس قىشلىق ئايىغى يوق بالىلارنىڭ ساپما كەشلەر بىلەن قار ۋە مۇز ئۈستىدە مېڭىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇلتۇر سۈرىيەگە كېرەكلىكبولغان 4 مىليارد دوللارلىق ياردەم فوندىنىڭ ئاران 45% نىلا توپلىيالايدىغانلىقىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردەمنى كۆپەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر