گېرمانىيەدە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

گېرمانىيەنىڭ ھاللې شەھىرىدە بىرجامىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى جەمئىيىتىگە ئۈچ پاي ئوق ئېتىلدى.

1767193
گېرمانىيەدە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاللې ساقچى ئىدارىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە يېقىن جايدا ئىككى كىشىنىڭ ئوق ئاۋازى ئاڭلىغانلىقىنى ۋە 3 پاي ئوقنىڭ بىنانىڭ ئالدى تەرىپىگە تەگكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قارشى تەرەپتىكى تۇرالغۇدىن ئوق چىقىرىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن ساقچىلار بىر ئۆيدىن 2 قورالنى مۇسادىرە قىلدى. قورال ئىگىسىنىڭ سىياسىي جىنايەت ئارخىپى يوقلىقى ۋە ۋەقەگە دائىر تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئېلان قىلىندى.

گېرمانىيە مۇسۇلمانلار كېڭىشىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ھەمبەھىرلەنگەن يازمىدا، ھاللېدىكى جامى جامائىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يازمىدا، «ئاللاھقا شۈكرى، بۇ قېتىم ھېچكىم يارىلانمىدى، مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك ۋە ئىرقىي ئايرىمچىلىق سۆزدە قالمايدۇ» دېيىلدى ۋە جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان ھاللې ساقچىلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر