ئافغانىستاندا پۇقرالارغا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 6 كىشى قازا قىلىپ، 10 كىشى يارىلاندى

ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى ھېرات ۋىلايىتىدە پۇقرالارنى ئېلىپ ماڭغان بىر مىنىبۇس بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ،  6 كىشى قازا قىلدى.

1766878
ئافغانىستاندا پۇقرالارغا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 6 كىشى قازا قىلىپ، 10 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ھېرات ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ھېراتقا قاراشلىق ھاجى ئابباس رايونىدا پۇقرالارنى ئېلىپ ماڭغان بىر مىنىبۇسنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھېرات دۆلەتلىك دوختۇرخانىسىنىڭ باش دوختۇرى مۇھەممەد ئارىف جەلالى ھۇجۇمدا ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 6 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 10 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر