تۇنىس پىرېزىدېنتى قەيس سەئىد ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

تۇنىس پىرېزىدېنتى قەيس سەئىد فىرانسىيەلىك مەنسەپدىشى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تۇنىسنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

1766900
تۇنىس پىرېزىدېنتى قەيس سەئىد ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس پىرېزىدېنتلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، قەيس سەئىدنىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، قەيس سەئىدنىڭ ماكرون بىلەن تۇنىسنىڭ ھازىرقى ئەھۋالدىن قۇتۇلىشى ئۈچۈن ئىلگىرى ئېلان قىلغان يول خەرىتىسى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىرلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۇچرىشىشتا يەنە تۇنىس بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ۋە بۇ دائىرىدە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوللىرى  كۆزدىن كەچۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر