رۇسىيە بېلارۇسىيەگە ئىككى دانە «S-400» ئەۋەتتى

رۇسىيە ھەربىي مانېۋىر ئۈچۈن بېلارۇسىيەگە ئىككى دانە «S-400» ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسى ئەۋەتتى.

1766296
رۇسىيە بېلارۇسىيەگە ئىككى دانە «S-400» ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بېلارۇسىيەگە ئىككى دانە «S-400» ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسى ئەۋەتىلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، «S-400» لەرنىڭ بېلارۇسىيەدە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن «2022-ئىتتىپاقداشلىق ئىرادەسى» ناملىق بىرلەشمە مانېۋىرغا قاتنىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مانېۋىر ئۈچۈن «S-400» لەردىن باشقا، «س-پانتسىر» ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى بىلەن 12 دانە «Su-35» ئايروپىلانىنىڭ بېلارۇسىيەگە ئەۋەتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«2022-ئىتتىپاقداشلىق ئىرادەسى» ناملىق بىرلەشمە مانېۋىر 10-فېۋرال باشلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر