گانادا پارتلاتقۇچ توشۇۋاتقان ئاپتوموبىل موتوسىكلىتقا سوقۇلۇپ كەتتى

گانانىڭ غەربىي ئۆلكىسىدە كان قېزىش ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان پارتلاتقۇچنى توشۇۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ موتوسىكلىتقا سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1766085
گانادا پارتلاتقۇچ توشۇۋاتقان ئاپتوموبىل موتوسىكلىتقا سوقۇلۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گانا ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەربىي ئۆلكىسىنىڭ بوگوسو-باۋدې يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا، كان قېزىش ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان پارتلاتقۇچنى توشۇۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ موتوسىكلىتقا سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە چوڭ پارتلاش يۈز بەرگەن، ئەتراپتىكى ئۆي – ماكانلار زىيانغا ئۇچرىغان پارتلاشتا كۆپ ساندا ئادەم قازا قىلغان ۋە يارىلانغان. ۋەقەدىن كېيىن، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن ساقچىلار ۋە باشقا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئورۇنلىرى، كەڭ خەلق ئاممىسىنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر