بلىنكېن: رۇسىيە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى كېرەك

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1766530
بلىنكېن: رۇسىيە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلغان يىغىن، شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن يىغىندىن كېيىن، بايانات ئېلان قىلىپ: «لاۋروۋ بىلەن ئۇچرىشىشىمىز مۇزاكىرە ئەمەس، بەلكى چىن كۆڭۈلدىن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىدى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە تەرەپتىمۇ ياكى ئەمەسمۇ ئۇنى چۈشىنىش ئىدى. رۇسىيەنىڭ ئالدىدا ئىككى يول بار. يا دىپلوماتىيە يولىنى تاللايدۇ، ياكى بولمىسا توقۇنۇشنى تاللايدۇ. ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىنغان ئەھۋالدا رۇسىيەنىڭ دەرھال جاۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىنى رۇسىيەگە يەتكۈزدۇق. ئۇكرائىناغا ھۇجۇملار كۆپەيسە بەدىلى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. كېيىنكى قەدەملەر رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيەسىگە ئاساسەن بولىدۇ. رۇسىيە ھۇجۇم قىلسا، ئۇكرائىنانى قوللايمىز» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ: «ئامېرىكالىق كەسىپداشلىرىمىز، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىنى قايتا ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىرىشقا ۋە ھەممە نەرسىنى نامدا جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش كېرەكلىكىنى شەرتلەندۈرۈشكە تىرىشتى. بۇ سىھىرلىك تۈسكە كىردى. ئەمما، ئۇچرىشىشنى كېلەر ھەپتە تەكلىپلىرىمىزگە يازما جاۋاب بېرىلىشى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكىگە كېلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇردۇق» دېدى.

لاۋروۋ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇمم قىلىپ-قىلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتىمىز بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىسلەر. دەل ئەكسىچە، ئۇنداق ئەمەسلىكىنى نەچچە قېتىم ئېيتتۇق» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ئۇكرائىنا خەلقىگە ھېچقاچان تەھدىت سالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «غەربتىكى كەسىپداشلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ھەۋىسى ئۇكرائىنانىڭ دونباستا كۈچ ئىشلىتىشكە كۈشكۈرتچىلىك قىلىش توغرىسىدا بولمىسىمۇ، پەقەت بولمىدى دېگەندە، كىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ مىنسك كېلىشىملىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى يوشۇرۇش يۈزلىنىشىگە ئىگە» دېدى.

لاۋروۋ ئامېرىكاغا ئۇكرائىنانى مىنسك كېلىشىملىرىنى ئىجرا قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىشكە چاقىرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر