ھىندىستاندا يۇقۇم سەۋەبىدىن 150 مىڭ بالا ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالدى

ھىندىستاندا «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن تەخمىنەن 150 مىڭ بالا ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالدى.

1764510
ھىندىستاندا يۇقۇم سەۋەبىدىن 150 مىڭ بالا ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان دۆلەتلىك بالىلار ھوقۇقىنى قوغداش كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىدا ئاتا – ئانىسىدىن يېتىم قالغان بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن 486 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ھىندىستاندا، 2020 – يىلى 1 – ئاپرېلدىن بۇيان 147 مىڭ 492 بالا ئانىسى، ياكى دادىسىدىن، بەزىسى بولسا ھەر ئىككىسىدىن ئايرىلىپ قالغان.

ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بالىلاردىن تەخمىنەن 26 مىڭدىن كۆپرەكى 8 ياشتىن كىچىك، تەخمىنەن 60 مىڭى 8 – 13 ياش، 22 مىڭ 763 ى 14 – 15 ياش، 22 مىڭ 626 سى 16 – 18 ياش ئىكەن.

37 مىليون 600 مىڭ كىشى «كوۋىد – 19» يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان ھىندىستان، يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ ئىككىنچى دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر