ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تىزگىنەكلىك ئايروپىلان ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 3 كىشى قازا قىلدى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبىدە ئېلىپ بېرىلغان گۇمانلىق (تىزگىنەكلىك ئايروپىلان) ھۇجۇمىدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 6 كىشى يارىلاندى.

1763990
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تىزگىنەكلىك ئايروپىلان ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 3 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەسمىي ئاگېتلىقى «WAM» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەبۇزەبىدىكى مۇسافاھ رايونىغا تىزگىنەكلىك ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىنغان. ھۇجۇم 3 ماي باكىنىڭ پارتىلىشىغا  سەۋەب بولغان،

ئەبۇزەبى ساقچى دائىرىلىرى تىزگىنەكلىك ئايروپىلان ھۇجۇمىدا بىر پاكىستانلىق ۋە 2 ھىندىستانلىق بولۇپ، جەمئىي 3 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 6 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پارتلاشتىن كېيىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى «ADNOC» بىلەن ئەبۇزەبى خەلقئارا ئايرودورۇمىغا يېقىن جايدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى خۇسىيلارغا تەۋە ئەل-مەسىررە تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىغا قىلىنىدىغان بىر ھەربىي ھۇجۇم ھەققىدە كەلگۈسى بىر نەچچە سائەتتە بايانات ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى» جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر