ئەبۇ زابىدا بىر قاتار پارتلاشلار يۈز بەردى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ زابىدا ئارقا-ئارقىدىن پارتلاشلار يۈز بەردى. ئەمما ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىدى.

1763844
ئەبۇ زابىدا بىر قاتار پارتلاشلار يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارتلاشلارنىڭ ئۈچى ئەبۇ زابىدىكى سانائەت رايونىدا يۈز بەردى. ۋەقەدە لىق ماي قاچىلانغان ئۈچ نېفىت باكى پارتلاپ كەتتى.

يەنە بىر قېتىملىق پارتلاش، ئەبۇ زابى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان جايدا يۈز بەردى. پارتلاشلاردىن كېيىن، ئوت كەتتى.

ساقچى دائىرىلىرى دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ۋەقەلەرنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن يۈز بەرگەن بولۇش مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

پارتلاشلاردىن كېيىن، يەمەندىكى ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر