ۋاڭ يى: بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە پەيدا قىلغان «كۈچ بوشلۇقى»نى تولدۇرۇش نىيىتى يوق

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتە پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان «كۈچ بوشلۇقى» نى تولدۇرۇش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

1763867
ۋاڭ يى: بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە پەيدا قىلغان «كۈچ بوشلۇقى»نى تولدۇرۇش نىيىتى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ  ئۆتكەن ھەپتە دۆلىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا پارس قولتۇقى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن تۈركىيە ۋە ئىرانلىق مەنسەپداشلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن چاقىرىلغان يىغىن توغرىسىدا توختالغان.

ئامېرىكانىڭ يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى رايونغا تايىنىشىنى ئازايتىش تەشەببۇسىدىن كېيىن رايوندا «كۈچ بوشلۇقى» پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز ئوتتۇرا شەرق خەلقىنىڭ رايوننىڭ خوجايىنلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. بۇ يەردە ھېچقانداق كۈچ بوشلۇقى يوق، ئۇنىڭ سىرتتىن كەلگەن خوجايىنغا ئېھتىياجى يوق» دېگەن.

ئۇ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئۇزۇن تارىخ، ئۆزگىچە مەدەنىيىتى ۋە مول يەر ئاستى بايلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشى سەۋەبىدىن ئۇزۇن يىللىق مالىمانچىلىق ۋە توقۇنۇشلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىنى ھەر دائىم قوللايدۇ» دېگەن.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇشى كېرەكلىكىنى، ئەمما مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئارىلىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋاڭ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئوتتۇرا شەرق تەرەققىياتقا موھتاج. رايوندىكى دۆلەتلەر چەت ئەل مودېللىرىدىن بەزى نەرسىلەرنى ئۆگەنسە بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنى كۆچۈرمەسلىكى كېرەك. نېئولىبېرالىزم ھەممىلا كېسەلگە پايدا قىلىدىغان بىر خىل دورا ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر