شىمالىي ماكېدونىيە يېڭى ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشتى

شىمالىي ماكېدونىيەدە قۇرۇلغان يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت پارلامېنتتىن ئىشەنچ ئاۋازى ئالدى.

1763578
شىمالىي ماكېدونىيە يېڭى ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكېدونىيە سوتسىيال دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى دىمىتار كوۋاچېۋسكى باش مىنىستىر بولغان يېڭى كابېنتنىڭ ئىشەنچ ئاۋازى بېلەت تاشلاشتا، 62 پارلامېنت ئەزاسى قوللاپ بېلەت تاشلىدى. 46 پارلامېنت ئەزاسى رەت بېلىتى تاشلىدى. 120 كىشىلىك پارلامېنتتىكى بېلەت تاشلاشقا، 108 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشتى.

يېڭى كابېنتتا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سلاۋيانكا پېتروۋسكا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇيار ئوسمانى بولدى.

سابىق باش مىنىستىر زوران زائېۋ 31-ئۆكتەبىر (2021) ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ ئاككىنچى ئايلانمىسىدا، سايلام نەتىجىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھەم باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ھەمدە سوتسىيال دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىستېپا 2021-يىلى 23-دېكابىر پارلامېنتتا تەستىقلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر