نىگېرىيەدە شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى
بىر توپ قوراللىق موتوسىكلىتلىقلار نىگېرىيەنىڭ كېببى ئۆلكىسىنىڭ دانكادې يېزىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ساقچى ۋە ئەسكەرلەر بىلەن ئېتىشتى.
1763710
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقە جەريانىدا ئىككىسى ئەسكەر بولۇپ جەمئىي 50 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى، نۇرغۇن مال – چارۋا نابۇت بولدى، ئونلارچە ئۆي – ماكان كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى.