نىگېرىيە ئارمىيەسى بوكو ھارامغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى

غەربىي ئافرىقاغا جايلاشقان نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە، نۇرغۇن تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.

1763615
نىگېرىيە ئارمىيەسى بوكو ھارامغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئونيېما نۋاچۇكۋۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بوكو ھارام تېررورىستلىرىنىڭ بورنو ئىشتاتىغا قاراشلىق بىيۇ رايونىدا ھەربىي قىسىملارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى ئونيېما نۋاچۇكۋۇ مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن، ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ بوكو ھارامغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلاپ، نۇرغۇن تېررورىستلارنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ھەربىي ھەرىكەتتە تېررورىستلارنىڭ لاگېرلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى، نۇرغۇن قورال-ياراغ، ئاپتوموبىل ۋە ئوق-دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قارىماي، ئافرىقادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ نىگېرىيەدە ناھايىتى چوڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىسى بولۇپ تۇرماقتا.

نىگېرىيەدە 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىۋاتقان بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ، 2009-يىلدىن بۇيان پەيدا قىلغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرىدا، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى 2015-يىلدىن بۇيان نىگېرىيەنىڭ قوشنىسى كامېرون، نىگېر ۋە چاد قاتارلىق دۆلەتلەردە بىر قاتار ھۇجۇم ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلدى. چاد كۆلى ئويمانلىقىدىكى ھۇجۇملاردا، ئەڭ ئاز دېگەندە 2 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

نىگېرىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن يۈزمىڭلارچە كىشى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر