ھىندىستاننىڭ خىتاي چېگراسىغا س-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ھىندىستان رۇسىيەدە ئىشلەنگەن س – 400 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىنى ئاپرېل ئېيىدا ئاكتىپلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1763885
ھىندىستاننىڭ خىتاي چېگراسىغا س-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇداپىئە ئەمەلدارلىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، رۇسىيەدىن تاپشۇرۇۋېلىنغان س – 400 ترىئۇمف (Triumph)  تىپلىق ئىلغار ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ سىستېمىنىڭ بۆلۈكىنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتىگە قارشى ئىككى دۆلەت چېگراسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەۋەردە، بىرىنچى بۆلەكنىڭ ئاپرېل ئېيىدا، قالغان تۆتىنىڭ بولسا، 2023 – يىلى ئاكتىپلاشتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، يېڭى دېھلى (دىلھى) ھۆكۈمىتىنىڭ، ھىندىستاننىڭ رۇسىيەدىن قورال سېتىۋېلىشىغا قارشى چىققان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا س – 400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى 3488 كىلومىتىرلىق خىتاي چېگراسىدا تەھدىتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن دۆلەت مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ سېتىۋالغانلىقىنى دىپلوماتىك ۋە بىخەتەرلىك يوللىرى ئارقىلىق بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ھىندىستان 2018 - يىلى ئۆكتەبىردە رۇسىيەدىن 4 مىليارد 500 مىليون دوللارغا س – 400 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى  سېتىۋالغانىدى.

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»، س – 400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ تۇنجى باتارېيەسىنىڭ ئۆتكەن ئايدا پەنجاپ ئۆلكىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر