ئىتالىيەدە كوۋىد-19 تەدبىرلەرگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۇلدى

ئىتالىيەدە (تۈنۈگۈن) نۇرغۇن كىشىلەر كوۋىد-19 ۋاكسىنىسىغا ۋە ئېلىنغان تەدبىرلەرگە قارشى رىم ۋە مىلانودا نامايىش ئۆتكۈزدى.

1763285
ئىتالىيەدە كوۋىد-19 تەدبىرلەرگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت رىمنىڭ سان گىيوۋاننى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ساياھەت ۋە باشقا نۇرغۇن ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن شەرت قىلىنغان كوۋىد -19 ۋاكسىنىسى ئەملىتىش ياكى يېقىندا يۇقۇملانغان ۋە ياكى يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان سەلبىي سىناق گۇۋاھنامىسى، «يېشىل ئۆتۈش كارتى» غا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

نۇرغۇن نامايىشچىلارنىڭ يىغىلىشتا ماسكا تاقىمىغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. نامايىشتا پات پات نامايىشچىلار بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىك كۈچەيگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىتالىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى مىلانودا ۋاكسىناغا قارشى 25-ئاپرېل مايدانىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يەردىمۇ كوۋىد -19 ۋاكسىنىسى ۋە ۋاكسىنىنى شەرت قىلىدىغان چەكلەش تەدبىرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

مىلانودىكى نامايىشقا ۋاكسىنىغا قارشى كۆز قاراشلىرى بىلەن تونۇلغان فىرانسىيەلىك ۋىرۇسشۇناس پروفېسسور لۇك مونتاگنىيېرنىڭمۇ قاتناشقانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئىتالىيەدە ھۆكۈمەت كوۋىد -19 نىڭ ئاساسلىق تۈرىگە ئايلانغان ئومىكىرون ۋارىيانتى سەۋەبىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ تېز كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر يۈرۈش يېڭى تەدبىرلەرنى 10-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويغان بولۇپ، 50 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ چوقۇم ۋاكسىنا ئەملىتىشىنى مەجبۇرىي ھالغا كەلتۈرىدىغان شۇنداقلا  ۋاكسىنا ئەملەنمىگەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كىرىشىنى چەكلەيدىغان بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر