ئامېرىكادىكى بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىدا 4 كىشى گۆرۈگە ئېلىۋىلىندى

ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتىدا بىر قوراللىق ھۇجۇمچىنىڭ يەھۇدى ئىبادەتخانىسىغا بېسىپ كېرىپ، باش راھىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ ۋەقەگە مۇداخىلە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1763264
ئامېرىكادىكى بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىدا 4 كىشى گۆرۈگە ئېلىۋىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېكساس ئىشتاتىنىڭ كوللېيۋىل شەھىرى ساقچى ئىدارىسى تۋىتتېر ھېسابىدا، بىر ھۇجۇمچىنىڭ يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىدىكى كىشىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەتىگەنلىك ئىبادەت جەريانىدا، بىر قوراللىق كىشىنىڭ ئىبادەتخانىغا بېسىپ كىرىپ، يەھۇدىي دىنىي رەھبەر قاتارلىق ھەممەيلەننى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقى، ۋەقەگە  «SWAT» ئەترىتىنىڭ (ئالاھىدە قورال ۋە تاكتىكا بىرلىكىنىڭ) مۇداخىلە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەرلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، گۆرۈگە ئېلىنغان تۆت كىشىنىڭ بىرسى بىر قانچە  سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

تېكساس ئىشتاتى ۋالىيسى گرېگ ئاببوت تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «دۇئالىرىمىز ئىجابەت بولىدۇ. ئىبادەتخانىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ بىرسى يارىلانماستىن قۇتۇلدى. ھازىرمۇ 3 تۇتقۇن بار. كوللېۋىللې شەھەر باشلىقى بىلەن سۆزلەشتىم ۋە ئىشتات سەۋىيەسىدە قوللىشىمىزنى تولۇق ئوتتۇرىغا قويدۇم» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئاقساراي، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىنغا بۇ ئىشتىن مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى ۋە ئەھۋاللارنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر