سۈرىيەدە ئامېرىكا قىسىملىرى  تۇرۇشلۇق رايون ئەتراپىغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلىندى

سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى دەيرىزور ئۆلكىسىگە تەۋە ئۆمەر نېفىتلىكىگە جايلاشقان ئامېرىكا قىسىملىرى بازىسى ئەتراپىغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلىندى.

1763256
سۈرىيەدە ئامېرىكا قىسىملىرى  تۇرۇشلۇق رايون ئەتراپىغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ي پ گ نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرىۋاتقان ئۆمەر نېفىتلىكىدە ئامېرىكا ئارمىيەسى تۇرۇشلۇق يېشىلكوي رايونى ئەتراپىغا كېچىدە راكېتامىيوت بىلەن ھۇقۇم قىلىندى.

ھۇجۇم سەۋەبىدىن يېشىلكۆي رايونىنىڭ ئەتراپىدا ماددى زىيانلار مەيدانغا كەلدى.

ھۇجۇمنىڭ قەيەردىن قىلىنغانلىقى ھازىرچە ئېنىقلانمىدى. يەرلىك مەنبەلەر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ راكېتامىيوتلار كەلگەن تەرەپكە زەمبىرەك ۋە راكېتامىيوت ئاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

نېفىتلىكنىڭ ئىچىدىكى ئولتۇراق رايون دەپ بىلىنىدىغان يېشىلكۆيدە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە تۇرۇشلۇق ئۆيلەردىن باشقا يەنە قورال ئامبىرىمۇ بار.

دەيرىزوردا  ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەتئەللىك تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرى مەۋجۇت بولغان مايادىن ناھىيەسىدىن 5- يانۋاردىمۇ ئامېرىكا ئارمىيەسى تۇرۇشلۇق ئۆمەر نېفىتلىكى ئەتراپىغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلىنغان ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى مايادىننى توپقا تۇتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر