لوس ئانژېلېستا يۈك پويىزلىرى بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنماقتا

ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىغا قاراشلىق لوس ئانژېلېس شەھىرىدە، شەھەر مەركىزىگە كىرگەندە ئاستىلايدىغان يۈك پويىزلىرى بۇلاڭچىلىققا  ئۇچرىماقتا.

1763222
لوس ئانژېلېستا يۈك پويىزلىرى بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى (AA) ئەترىتى لوس ئانژېلېستا نەچچىلىگەن ئايلاردىن بېرى ئوغرىلارنىڭ ماكانىغا ئايلانغان يۈك پويىزى ئۆتىدىغان رايوننى سىنغا ئالدى.

ئوغرىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىشىكلىرى ئوچۇق يۈك پويىزلىرىنىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرىگە كىرگەندە ئاستىلىشىدىن پايدىلىنىپ پويىزلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدىكەن.

ئۆزلىرىگە لازىملىق نەرسىلەرنى پۇل ۋە ماللارنى ئېلىپ، قالغان ئورالمىلارنى خالىغانچە رېلىسقا چېچىۋىتىدىكەن.

كۆرنۈشلەردە لوس ئانژېلېس ئەتراپىدا يۈك پويىزى ئۆتىدىغان رېلىسلارنىڭ ئۈستىدە تېخى ئېچىلمىغان ئورالمىلار كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر