ھايتىدا پىرېزىدېنت جوۋنېل مويسقا سۇيىقەست قىلىش جىنايىتىنىڭ نۇقتىلىق گۇماندارى نازارەتكە ئېلىندى

ھايتىدا 7-ئىيۇل پىرېزىدېنت جوۋنېل مويسنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى بولغان جون جوئېل جوسېف جامايكادا نازارەتكە ئېلىندى.

1763227
ھايتىدا پىرېزىدېنت جوۋنېل مويسقا سۇيىقەست قىلىش جىنايىتىنىڭ نۇقتىلىق گۇماندارى نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جامايكا دۆلەتلىك ساقچىلىرىنىڭ باياناتىدا، جون جوئېل يۈسۈپنىڭ جامايكادا قولغا چۈشكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ھايتى دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لېئون چارلېز، جوسېفنىڭ سۇيىقەستتىكى ئاساسلىق رولچى ئىكەنلىكىنى، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئەترىتىنى قورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ۋە يىغىنلارنى پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

مويس 7-ئىيۇل ھايتىنىڭ پايتەختى ئاۋ پرىنسدىكى ئۆيىدە قىلىنغان سۇيىقەستتە قازا قىلغان بولۇپ، ھۇجۇمدا مويسنىڭ ئايالى مارتىن مويس يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر