ب د ت: ئېفىيوپىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش قىيىنغا توختاۋاتىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېفىيوپىيەدە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تىگرايغا يەتكۈزۈلۈشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى  بىلدۈردى.

1762977
ب د ت: ئېفىيوپىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش قىيىنغا توختاۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  باش كاتىپىنىڭ باياناتچىلىرىدىن فەرھان ھەق، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئابلا شەھىرى ئەتراپىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار تۈپەيلىدىن تىگرايغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى، 14-دېكابىردىن باشلاپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ، يېقىنقى 5 ئاي ئىچىدە يېقىلغۇ يەتكۈزۈپ بېرىلەلمەيۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلالىرىنىڭ يېقىلغۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ھەتتا  يېمەك – ئىچمەك ياردەملىرىنىمۇ يەتكۈزۈپ بېرەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ھەق، تىگرايغا قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

دۆلەتنىڭ شىمالىدا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن، تەخمىنەن 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، 5 مىليوندىن ئارتۇق كىشى جىددىي ياردەمگە موھتاج ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر