ئافرىقا قىتئەسىدە 1 مىليارد كىشى ۋاكسىنا ئەملىتەلمىگەن

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دىرېكتورى تېدروس ئادخانوم غېبرېيېسۇس (Tedros Adhanom Ghebreyesus) ئافرىقا قىتئەسىدە تەخمىنەن 1 مىليارد كىشىگە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ئەملەنمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1762546
ئافرىقا قىتئەسىدە 1 مىليارد كىشى ۋاكسىنا ئەملىتەلمىگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تېدروس ئادخانوم غېبرېيېسۇس 10-قېتىملىق خەلقئارا سەھىيە نىزامنامەسى ۋۇخەن ۋرۇسى كومىتېتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا، دۇنيادىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى باراۋەرسىزلىكى ۋە ئادالەتسىزلىكى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.

ئۇ ۋاكسىنا مىللىيەتچىلىكى، ۋابانى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قىسقا مۇددەتلىك شەخسىي مەنپەئەتلەر قاتارلىق توسقۇنلۇقلارنىڭ، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تارقىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «خۇلاسە قىلغاندا، نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋاكسىنا ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالمايۋاتماقتا ياكى نىشانىغا يېتەلمەيۋاتماقتا» دېدى.

ئۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدە دۇنيدا 9.4 مىليارد شىشىدىن كۆپ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەملەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىراق، 90 دۆلەت ئۆتكەن يىلى (2021) نىڭ ئاخىرىغىچە نوپۇسنىڭ %40 نى ئەملەش نىشانىغا يېتەلمىدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ %36 سى نوپۇسىنىڭ %10 نى ئەملىيەلمىدى» دېدى.

ئۇ يەنە، ئافرىقا قىتئەسىدە نوپۇسىنىڭ %85 گە تەڭ كېلىدىغان تەخمىنەن 1 مىليارد كىشىنىڭ ئەملەنمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئارىدىكى بۇ پەرقنى كىچىكلەتمىسەك، ۋابانى يوقىتالمايمىز» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مۇھىم ئىشىنىڭ «ئۈچىنچى شىشە ۋاكسىنا» ئەملەشنىڭ ئورنىغا، دۇنيادا ۋاكسىنا ئەملىتەلمىگەن خەتەرلىك گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ بىرىنچى شىشە ۋاكسىنالىرىنى ئەملىتىش بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ۋاكسىنالارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن كېسەل بولۇش ۋە ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى يۇقىرى بولسىمۇ، يۇقۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر