ب د ت: ئامېرىكا – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش پالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈكىرىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى بىر توقۇنۇشنىڭ «ياۋروپا ۋە دۇنيا ئۈچۈن پالاكەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى» توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

1762517
ب د ت: ئامېرىكا – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش پالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېرېش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش مەركىزىدە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنا كىرىزىسى تۈپەيلى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەر ھەققىدە توختالغاندا، مەۋجۇت سۈركىلىش ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەرنىڭ قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ۋە دۇنيا ئۈچۈن پالاكەت ئېلىپ كېلىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى بىر توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سۈكىرىلىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئورنىتىلغان دىيالوگ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

رۇسىيەنىڭ يېقىنقى ئايلاردا ئۇكرائىنا چېگراسىغا قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىدىغانلىقىغا قارىتا ئەندىشىلەرنى كۈچەيتىۋەتتى، ھەمدە غەرب بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى.

بىر تەرەپتىن، سۈركىلىشنى پەسەيتىش چاقىرىقلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى ئۇچرىشىشلار، يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرىلەر داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر