ئامېرىكادا جو بايدىننى قوللىغۇچىلارنىڭ نىسبىتى %33 كە چۈشۈپ قالدى

ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناشتا خەلقنىڭ پەقەت ئۈچتىن بىر قىسىمىنىڭلا پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ خىزمەتلىرىدىن رازى ئىكەنلى ئوتتۇرىغا چىقتى.

1761980
ئامېرىكادا جو بايدىننى قوللىغۇچىلارنىڭ نىسبىتى %33 كە چۈشۈپ قالدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: <Quinnipiac> ئۇنۋېرسىتىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا، ئامېرىكا خەلقىنىڭ بايدىننى قوللاش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ ئاران %33 ى بايدېننىڭ پىرېزىدېنتلىق دەۋرىدىكى خىزمەتلىرىنى ياختۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

راي سىناشقا قاتناشقان دېموكراتچىلارنىڭ %75 ى بايدىننىڭ خىزمەتلىرىدىن رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇستەقىل سايلىغۇچىلارنىڭ ئاران %25 ى بايدېننىڭ خىزمەتلىرىنى ياختۇرغانلىقى ئېيتتى.

قاتناشقۇچىلارنىڭ% 57 ى بايدىننىڭ ئىقتىسادىي خىزمەتلىرىدىن رازى ئەمەسلىكىنى ،% 54 ى تاشقى سىياسىتىدىن رازى ئەمەسلىكىنى، % 55 ى كوۋىد-19 غا قارشى كۈرىشىدىن رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

بايدىن ھۆكۈمىتى يېقىندا بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى، پۇل پاخاللىقىنىڭ يېقىنقى 39 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى ۋە كوۋىد -19 يۇقۇملىنىش نىسبىتىڭمۇ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە ئۆرلىشى سەۋەبىدىن كۆپ تەنقىد قىلىنماقتا.

تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا بايدىنى قوللاش نىسبىتى بارغانچە تۆچەنلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر