ئامېرىكا ئىسرائىلىيەدىن ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ راماللاھ شەھىرىدە 80 ياشلىق تۇتقۇن پەلەستىنلىكنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

1761841
ئامېرىكا ئىسرائىلىيەدىن ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ راماللاھقا قاراشلىق جەلجەلىييە يېزىسىغا بېسىپ كىرگەندە تۇتقۇن قىلغان ئۆمەر ئابدۇلمەجىد ئەسەد ئىسىملىك پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا پۇقراسى ئۆمەر ئەسەدنىڭ راماللاھ ئەتراپىدىكى بىر شەھەردە ئۆلگەنلىكى راست، بۇ تىراگېدىيە ھەققىدە تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەسەدنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتتۇق، جۈملىدىن، ئۇنىڭ بارلىق ئائىلە ئەزالىرىغا كونسۇلخانا ياردىمى بەردۇق. بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەنمۇ ئالاقە ئورنىتىۋاتىمىز، سىلەرگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرى بۇ مەسىلىنى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، بىزمۇ بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلىي تەكشۈرۈلۈپ، ئېنىقلاپ  چىقىلىشىنى قوللايمىز.»

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ، جەلجەلىييە يېزىسىغا بېسىپ كىرىش جەريانىدا ئەسەدنىڭ قولىغا كىشەن سېلىپ، ئۇنى ئۇرغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىر مەزگىلدىن كېيىن يېزىدىن ئايرىلغانلىقى، يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشانغان پەلەستىنلىكنى قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر ئۆيدىن تاپقاندىن كېيىن، راماللاھتىكى بىر دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر