ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە ئىنكاس قايتۇردى

ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ قورال ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسىنى ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىگەن ئالتە شىمالىي كورېيە، بىر رۇسىيە ۋە مەركىزى رۇسىيەگە جايلاشقان بىر شىركەتنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

1761976
ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ 11-يانۋار قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا ئىنكاس قايتۇردى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، رۇسىيە بىلەن خىتايدىن مالزىمە سېتىۋېلىش ئارقىلىق شىمالىي كورېيەنىڭ قورال تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئالتە شىمالىي كورېيە، بىر رۇسىيە ۋە مەركىزى رۇسىيەگە جايلاشقان بىر شىركەتنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر قەدەملەرنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ قورال پىروگراممىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بېسىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇ قارارلارنىڭ شىمالىي كورېيە 2021-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ ئېلىپ بارغان ئالتە قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى سەۋەبىدىن ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

شىمالىي كورېيە مەنزىلى مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان ئىدى.

ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە 11-يانۋار شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئاۋازدىن 10 ھەسسە تېز ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

شىمالىي كورېيە 2021-يىلى 5-سېنتەبىردىن بۇيان ھازىرغىچە ئالتە قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر