تالىبان دۆلەت ئۇنىۋېرستېتلىرىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تالىبان ئالىي مائارىپ مىنىستىر ۋەكىلى شەيخ ئابدۇلباقى ھەققانى ئافغانىستاندا دۆلەت ئۇنىۋېرستېتلىرىنىڭ پات ئارىدا ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

1761909
تالىبان دۆلەت ئۇنىۋېرستېتلىرىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مائارىپ مىنىستىر ۋەكىلى شەيخ ئابدۇلباقى ھەققانى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھازىرغىچە دۆلەت ئۇنىۋېرستېتلىرىنىڭ تاقىلىپ تۇرۇشى سەۋەبىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ پات يېقىندا ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۆلەت ئۇنىۋېرستېتلىرىنىڭمۇ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى قايتىدىن باشلايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئافغانىستاندا 40 دۆلەت ئۇنىۋرستېتى ۋە 150 خۇسۇسىي ئۇنىۋېرستېتنىڭ بارلىقىنى، ھازىرمۇ خۇسۇسىي ئۇنىۋېرستېتلاردا دەرسلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ دۆلەتتىكى مائارىپ ئورگانلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە مائارىپ سىستېمىسىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن رىقابەت قىلالايدىغان سەۋىيەگە كەلتۈرۈشتە قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستاندىكى ئالىي مائارىپ ساھەسىگە ياردەم قىلىش ۋە ئافغانىستانلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىش توغرىسىدا ۋەدە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئافغانىستاندىكى ئۇنىۋېرستېتلار ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن، تالىبان ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان 2021-يىلى 15-ئاۋغۇستتىن بۇرۇن دەرس توختاتقان ئىدى.

تالىباننىڭ ئافغانىستاننى كونتروللۇقىغا ئېلىشىدىن كېيىن، 2021-يىلى سېنتەبىردە خۇسۇسىي ئۇنىۋېرستېتلار دەرس باشلىغان ئىدى. دۆلەت ئۇنىۋېرستېتلىرى بولسا، داۋاملىق تاقىلىپ تۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر