رۇسىيە: ئامېرىكا ۋە ناتو بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ نېگىزلىك تېمىلىرىدا ئىختىلاپلار بار

رۇسىيە ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ نېگىزلىك تېمىلىرىدا ئىختىلاپلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

1762222
رۇسىيە: ئامېرىكا ۋە ناتو بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ نېگىزلىك تېمىلىرىدا ئىختىلاپلار بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوف، مۇخبىرلارغا رۇسىيە بىلەن ناتونىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى توغرىسىدىكى سۆھبىتىگە دائىر مەسىلىلەر بويىچە بايانات بەردى.

ناتونىڭ رۇسىيەگە ئۆز قوشۇنىنى ئۆز زېمىنىدا قانداق ۋە قەيەرگە يۆتكىشى توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرۈشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن پېسكوۋ: «رۇسىيە ئارمىيەسىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىدا ھەرىكەت قىلدۇرمايۋاتىدۇ» دېدى.

پېسكوۋ ناتونىڭ كېڭىيىش تەھدىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىز ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى ئەزالارنى ناتوغا تەكلىپ قىلغان باياناتلىرىنى ئاڭلاۋاتىمىز. ناتوغا ئەزا بەزى بالتىق دۆلەتلىرىدىن ئۆز تېررىتورىيەسىدىكى ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىشىنى تەلەپ قىلغان بايانلىرىنى ئاڭلاۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى داۋام قىلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟» دېدى.

رۇسىيەنىڭ، ئامېرىكا ۋە ناتو بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرى ۋە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا بىخەتەرلىك كاپالىتى مەسىلىسىنى چۆرىدەپ ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىنىڭ نېگىزلىك مەسىلىلىرىدە ئىختىلاپلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتكەن پېسكوۋ: «سۆھبەت مۇئەييەن ئاساسلىق مەسىلىلەرگە كونكرېت جاۋاب تېپىش ئۈچۈن باشلانغان. بۇ نېگىزلىك مەسىلىلەردە پىكىر ئىختىلاپلىرى يۈز بەردى. بۇ يامان بولدى. بۇ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىككى ئايلانمىغا نىسبەتەن بىر مىنۇستىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پېسكوۋ، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش سىياسىي ئىرادىسىنىڭ ئاجىز ئەمەسلىكىنى، دەل ئەكسىچە، سۆھبەتداشلارنىڭ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئىستىكىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

شىمالىي ئېقىن  - 2 تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈرىنىڭ سودا خاراكتېرلىك بىر قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان پېسكوۋ، ئۇنى ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن باغلاشنىڭ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ رۇسىيەگە قارشى تەييارلىغان جازا لايىھەسى توغرىسىدا توختىلىپ، سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتقان ئەسنادا جازا لايىھەسىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا پاسسىپلىق ۋە موسكۋاغا بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇش دەپ باھا بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر